ئىسرائىلىيە ئەلچىسى تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى

ئىسرائىلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېيتان نائېخ، ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى سودا ھەجىمىنى 8 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

682616
ئىسرائىلىيە ئەلچىسى تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەدە دىپلوماتىيە مۇخبىرلىرى بىلەن ئۇچراشقان نائېخ، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىنىڭ تۈركىيە - ئىسرائىلىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختالغان باش ئەلچى نائېخ، «ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىراندۇر» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

بۇ جەرياندا، ئىسرائىلىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىش مۇساپىسىدە تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر مەجلىسىگە ئەزا سودا – سانائەتچىلەر بىلەن ئىسرائىلىيە سودا – سانائەتچىلىرى كېڭىشى ئەزالىرى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا تېل ئاۋىۋدا ئۇچرىشىدۇ.

بۇ زىيارەتلەر، سىياسىي مۇناسىۋەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەش بىلەن پاراللېل ھالدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدۇ.

ئىسرائىلىيە ئىقتىساد مىنىستىرى ئېلى كوھېننىڭمۇ پات يېقىندا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر