تۈركىيە – ئىتالىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى بۇ يىل تۈركىيە – ئىتالىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

678374
تۈركىيە – ئىتالىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى ئىتالىيە ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى كارلو كالېندا رىياسەتچىلىكىدە ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان تۈركىيە – ئىتالىيە سودا – ئىقتىساد قوشما كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەردە بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردىكى ئىمكانىيەتلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن ئىتالىيە رەقىب ئەمەس، ئەكسىچە بىر – بىرىنى تاماملاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. ئىتالىيە ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى كارلو كالېندا بىلەن بىرلىكتە ئورتاق قارارلارنى ئالدۇق. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇھىم لايىھەلەرنى ۋە شىركەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر باسقۇچنى ئىشقا كىرىشتۈرىمىز.»

ئىتالىيە ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى كارلو كالېندا ئەنقەرەنىڭ ئىتالىيەنىڭ ياۋروپادا دائىما تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تاموژنا بىرلىكى كېلىشىمىنى يېڭىلاش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن كالېندا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت باسقۇچىنى تېز ئىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر