بىريۇسسېلدا گىرېتسىيەنى قۇتقۇزۇش پىروگراممىسى ئۈستىدە يىغىن چاقىرىلدى

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا گىرېتسىيەنى 3-قېتىم قۇتقۇزۇش پىروگراممىسى ئۈستىدە يىغىن چاقىرىلدى.

676528
بىريۇسسېلدا گىرېتسىيەنى قۇتقۇزۇش پىروگراممىسى ئۈستىدە يىغىن چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋرو ئىشلىتىلىدىغان 19 ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىرى يىغىن چاقىردى.

ياۋرو گۇرۇھى يىغىنى نامى ئاستىدا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا گىرېتسىيەنى 3-قېتىم قۇتقۇزۇش پىروگراممىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋرو گۇرۇھى مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىرى قۇتقۇزۇش پىروگراممىسى توغرۇلۇق داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى.

ياۋرو گۇرۇھى باشلىقى شۇنداقلا گوللاندىيە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى يىرۇن دېيسېلبلۇم يىغىندىن كېيىن بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «قەرز  بەرگۈچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئورتاق ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن ئافېناغا بېرىپ گىرېتسىيە مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە پىنسىيەلىك، باج ۋە يېڭى ئىش پۇرسەتلىرىگە ئوخشاش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلار ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەيدۇ.»

دىجسسېلبلوم ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەردە ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ ئورنىغا ئىسلاھاتلارغا مەركەزلىشىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

گىرېتسىيەنى قۇتقۇزۇش پىروگراممىسىنىڭ 2-قېتىملىق باھالاش باسقۇچى تاماملانغانلىقى ئۈچۈن يېڭى قەرز مىقدارلىرى ئېنىق بېكىتىلمىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، گىرېتسىيە بۇ يىل ئىيۇلدا قەرز بەرگۈچىلەرگە 7 مىليارد ياۋرو قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىكەن.

گىرېتسىيەنىڭ جەمئىي قەرز پۇل مىقدارىنىڭ بۇ يىل 300 مىليارد ياۋرودىن ئېشىپ كېتىشى ۋە قەرزلەرنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %180گە توغرا كېلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر