خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قىرغىزىستاننى ئاگاھلاندۇردى

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، قىرغىزىستاننى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى ئېغىر چىقىملارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇش بويىچە ئاگاھلاندۇردى.

674652
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قىرغىزىستاننى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىزمەت زىيارىتى دائىرىسىدە پايتەخت بىشكەككە بارغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ھەيئىتى، ھۆكۈمەت، قىرغىزىستان مەركىزىي بانكىسى، ۋە مالىيە ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى كۈز ئايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى ئېغىر ئىقتىسادىي چىقىملارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇش بويىچە ئاگاھلاندۇردى ۋە دۆلەت خامچوتىدىكى قىزىل رەقەمنىڭ ئازايتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

قىرغىزىستان، 2015 – يىلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ كېڭەيتىلگەن كىرېدىت مېخانىزمى دائىرىسىدە 92 مىليون دوللار پۇل ئېلىش ئۈچۈن، 3 يىللىق ئىقتىسادقا ھەمنەپەس بولۇش پىلانىنى قوبۇل قىلغانىدى.

قىرغىزىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۆلەتنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا 188 مىليون دوللار قەرزى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر