تۈركىيەدىكى چەت ئەل سېلىنمىلىرى كۈنسېرى ئاشتى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۈركىيەدىكى 2016 – يىللىق خەلقئارالىق بىۋاسىتە سېلىنمىلار % 56 كە يەتتى.

673816
تۈركىيەدىكى چەت ئەل سېلىنمىلىرى كۈنسېرى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سېلىنمىلارنى قوللاش ۋە تەشۋىق قىلىش ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئاردا ئەرمۇت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرقى چارىكىدا تۈركىيەدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىلكىنىش ھاسىل بولغانلىقىنى، چەت ئەل سېلىنمىلىرىنىڭ 3.6 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۈركىيەدىكى 2016 – يىللىق خەلقئارالىق بىۋاسىتە سېلىنمىلار % 56 كە يەتتى. دەسلەپكى 7 ئايدا ئوتتۇرىچە 900 مىليونغا، ئاخىرقى 5 ئايدا 1 مىليارد 162 مىليون دوللارغا يەتتى. بۇ رەقەم يېقىنقى 17 ئاي ئىچىدىكى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇلتۇر چەت ئەل سېلىنمىلىرى 12.1 مىليارد دوللارغا يەتتى.»

ئىگىلىنىشىچە، 2016 – يىلى چەت ئەل سېلىنمىلىرىدىكى ئېشىش جەھەتتىن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى بىرىنچى، ئېنېرگىيە ساھەسى ئىككىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر