ساياھەت شىركەتلىرى تۈركىيەنى تونۇتۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا باردى

تۈركىيە ساياھەت شىركەتلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، دۇبەيگە ئوخشاش پارس قولتۇقى ئەللىرى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى تۇغقان ۋە تونۇشلارغا ساياھەتتە ئېتىبار قىلىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

672061
ساياھەت شىركەتلىرى تۈركىيەنى تونۇتۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ھەسەن بايرام، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ساياھەتچىلىككە كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە باشلىتىلغان «قوشناڭنى ئېلىپ كەل» سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، دۇبەيگە ئوخشاش پارس قولتۇقى ئەللىرى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى تۇغقان ۋە تونۇشلارغا ساياھەتتە ئېتىبار قىلىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن بايرام، ئۆتكەن يىلى پارس قولتۇقى ۋە ئەرەب ئەللىرىدىن 2 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بايرام، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ دۆلەتلەرگە قاراتقان زىيارەتلىرىدىن كېيىن كەلگەن ساياھەتچى سانىنىڭ %20 ئاشقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەرەب ساياھەت شىركەتلىرى ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش جەمئىيىتى باشلىقى ئەھمەد قىرق بولسا، جىددەدىكى ساياھەت يەرمەنكىسىگە 3 كۈن ئىشتىراك قىلىدىغانلىقلىرىنى، 2017 – يىلى پارس قولتۇقى ۋە ئەرەب ئەللىرىدىن 5 مىليون ساياھەتچىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ پەقەت ئىستانبۇلنىلا ئەمەس، ترابزون، بۇرسا، ساپانجا، يالوۋا ۋە چاناققەلئەگە ئوخشاش يېشىللىق، تەبىئەت ۋە سۇ مول جايلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان قىرق، بۇ رايون خەلقىنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر