قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئافغانىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئۇدا 6 ئايدىن بۇيان ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 6 خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن دۆلەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
![قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئافغانىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى توختاتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/ad76/a401/5a50/589bf6101687a.jpg?time=1718828330)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ھازىرچە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى بىلىشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى جۈزجان شەھىرىدە قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئۈچ شوپۇر بىلەن بەش خادىم ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئەترىتى تۈنۈگۈن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 6 خادىم قازا قىلغانىدى.
ۋەقەدە ئىككى خادىم تۇتۇپ كېتىلگەنىدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگتە ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرى ھۇجۇمنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1718828330)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.