ياۋرو 1 – 1.5 يىل كېيىن تارىخقا كۆمۈلۈشى مۇمكىن

ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئەلچىسى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان تېد روزېۋېلت مالوك ياۋرونىڭ 1 – 1.5 يىل كېيىن تارىخقا كۆمۈلۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

660522
ياۋرو 1 – 1.5 يىل كېيىن تارىخقا كۆمۈلۈشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالوك BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ياۋرونىڭ ناھايتى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «مېنىڭچە ياۋرو پەقەت ھالاك بولۇش بىلەنلا قالمايدۇ. چۈنكى ياۋرو ناھايتى كۆپ قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كەلمەكتە. شۇڭا ياۋرو  1 – 1.5 يىل كېيىن تارىخقا كۆمۈلۈشى مۇمكىن. مېنىڭ ياۋروم بولسا 2017 – يىلى ھەممىسىنى سېتىۋېتەتتىم» دېدى.

چوڭ – چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرلىشىشى ۋە سېتىش ئىشلىرىنىڭ پەقەت بىرقانچە ئاي ئىچىدىلا تاماملىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مالوك، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش باسقۇچىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەندىن كېيىن پەقەت 90 كۈن ئىچىدىلا ئامېرىكا بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزەلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن رۇخسەت قىلىنماسلىقىنىڭ تولىمۇ بىمەنە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مالوكنىڭ يېقىندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر