خىتاينىڭ يۈك پويىزى لوندونغا يېتىپ باردى

خىتاينىڭ يۈك پويىزى قازاقىستان، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، پولشا، گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە فىرانسىيە ئارقىلىق ئەنگلىيەگە يېتىپ باردى.

655664
خىتاينىڭ يۈك پويىزى لوندونغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىن 3-يانۋاردا يولغا چىققان تۇنجى يۈك پويىزى 18 كۈنلۈك سەپەرنى تاماملاپ، ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندونغا يېتىپ باردى.

12 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن پويىز، قازاقىستان، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، پولشا، گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە فىرانسىيە ئارقىلىق ئەنگلىيەگە يېتىپ باردى.

لوندون شۇنداق قىلىپ، خىتاي–ياۋروپا يۈك پويىزى مۇلازىمىتى دائىرىسىگە كىرگەن 15 – شەھەر بولدى.

پويىزدا ئۆي ئەسلىھەلىرى، كىيىم–كېچەك، سومكا، چامدان قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر