كىنو چولپىنى مورگان فىرېمەن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنى تونىتىدۇ

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئامېرىكىدىكى ئۇچۇش تورىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ كەلمەكتە.

655699
كىنو چولپىنى مورگان فىرېمەن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنى تونىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئېلان فىلىمى ئۈچۈن ئاتاقلىق كىنو چولپىنى مورگان فىرېمەن بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ئۇچقۇچىلىق رولىغا چىققان ئاتاقلىق چولپاننىڭ بۇ قېتىمقى ئېلان  فىلىمى، ئامېرىكىنىڭ 800 مىليون كۆرۈرمەنگە ئىگە ئاتاقلىق تەنتەربىيە تېلېۋزىيە پىروگراممىسى «NFL»نىڭ 5-فېۋرالدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە پىروگراممىسى جەريانىدا ئېلان قىلىنىدىغان بولدى.  

ئالدىنقى يىلىمۇ تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى،«Batman» ۋە «Superman» بىلەن تەييارلىغان ئېلان سەپەرۋەرلىكى ئارقىلىق دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق ماركىلارنىڭ ئېلان فىلىملىرى ئورۇن ئالغان ۋە ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تارىخىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈرمەنگە ئىگە بولغان ئاتاقلىق تەنتەربىيە تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى «NFL»نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە پىروگراممىسىدا كۆرسىتىلگەن ۋە ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ %35 نىڭ كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئامېرىكىدىكى ئۇچۇش تورىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئاتلانتا لېنىيەسى ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى ئۇچۇش نوقتىسى سانىنى 9 غا چىقارغان ئىدى.

ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تارىخىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈرمەنگە ئىگە بولغان ئاتاقلىق تەنتەربىيە تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى «NFL»نىڭ 800 مىليون كۆرۈرمەنگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇ يىللىق ئېلان فىلىمى ئارقىلىق ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ %48 تىگە يېتىپ بېرىشنى نىشان قىلماقتا.

ئاتاقلىق كېنو چولپىنى مورگان فىرېمەن ئۇچقۇچىلىقنىمۇ بىلىدىغان بولۇپ، «Street Smart» ناملىق فىلىمى بىلەن 1987 – يىلى تۇنجى ئوسكار مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن ئىدى.

ئۇنىڭ 1989 – يىلى «Driving Miss Daisy»، 1994–يىلى «ئاسارەتنىڭ بەدىلى» ۋە 2004 – يىلى «Million Dollar Baby» ناملىق فىلىملىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە فىلىملارغا رېژىسسورلۇق قىلىش بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر