ئەردوغان ئىقتىساد يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك ساريىدا ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك بىر قىسىم بىيۇروكراتلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

653179
ئەردوغان ئىقتىساد يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا پۇل قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە چەت ئەل مۇداخىلىسىنىڭ پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر كۆزدىن كەچۈرۈلدى.

يىغىندا، پۇل قىممىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى، چۈنكى تۈركىيەننىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئىقتىسادنى باشقۇرۇش دائىرىلىرى يىغىندا، 2017 – يىللىق پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئەمەلىي ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن پۇختا تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى  تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئالدىمىزدىكى باسقۇچتىمۇ مەركەز بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئورگانلار ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر