پوچتا ئىدارىلىرىدىن كېيىن چوڭ پورتلاردىمۇ تۈرك لىراسى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى

قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان چوڭ پورتلاردا تۈرك لىراسى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

653051
پوچتا ئىدارىلىرىدىن كېيىن چوڭ پورتلاردىمۇ تۈرك لىراسى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىر ۋە ھايدارپاشا پورتلىرىدا بۇنىڭدىن كېيىن تۈرك لىراسى بىلەن رەسمىيەت بېجىرىلىدۇ.

قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان،تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتىنى چەت ئەل پۇل بىرلىكلىرى ئالدىدا ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تۆمۈريوللىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان ئىزمىر ۋە ھايدارپاشا پورتلىرىدا 1-يانۋاردىن باشلاپ تۈرك لىراسىنىڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارسلان تاشقى كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ چوماقچىلىرى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قانلىق ھۇجۇملار سادىر قىلىش ئارقىلىق تۈرك مىللىتىنى بويسۇندۇرۇشقا ۋە پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى،ئوخشاشلا تاشقى كۈچلەرنىڭ  تاشقى پېرېۋوت ساھەسىنى قالايمىقان قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىشقا كۈچەۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

15-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن نامايەن بولغان مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىك روھىنىڭ، نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ساھەدىمۇ ئويلىنىۋاتقان ئويۇنلارنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈنمۇ كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا مىللىي بىرلىك روھىي ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ بۇ ئويۇنلارنى بۇزۇپ تاشلاش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ئارسلان مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ <ياستۇقىنىڭ ئاستىدا چەت ئەل پۇللىرى بولغانلار پۇللىرىنى تۈرك لىراسىغا، ئالتۇنغا ئالماشتۇرسۇن، تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتى ئاشسۇن، ئالتۇننىڭ قىممىتى ئۆرلىسۈن>چاقىرىقىغا بىنائەن، چەت ئەل پۇل بىرلىكلىرى ئالدىدا مىللىي پۇلىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن باشلانغان سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە، باشقارمىمىزگە قاراشلىق پوچتا ۋە تېلېگراف شىركىتى  ۋە تۈركساتتىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۆمۈريوللىرى ئىدارىسىمۇ ئاۋاز قوشتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر