سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيەدە يۆنىلىش ئۆزگەرتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشتا يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە يۈزلىنىدۇ...

652285
سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيەدە يۆنىلىش ئۆزگەرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، <پادىشاھ ئابدۇللاھ ئاتوم ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە شەھىرى> نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەلىد ئەبۇلفەرەج، ئەبۇدابىدە چاقىرىلغان 7 – نۆۋەتلىك خەلقئارا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، يەر بېكىتىش ۋە ئۈستقۇرۇلما خىزمەتلىرىنىڭ باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سانائەت رايونلىرى، ئېلېكتىر يۈكى تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدە بولۇۋاتقان جايلاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن كىچىك رېئاكتورلارنىڭ ئىلغارلاشتۇرۇلۇشى بويىچە تەرەققىي تاپقان ئەللەر بىلەن شېرىكلىك ئورنىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەبۇلفەرەج، خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىگە يۈزلەندۈرۈشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى خالىد ئەلفالىھمۇ، دۆلىتىنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە دائىر خىزمەتلىرىنى پات پۇرسەتتە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر