ياۋروپا گۈللەندۈرۈش - تەرەققىيات بانكىسى ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى

ياۋروپا گۈللەندۈرۈش - تەرەققىيات بانكىسىمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى.

635665
ياۋروپا گۈللەندۈرۈش - تەرەققىيات بانكىسى ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ تاشقى پېرېۋوت بېسىمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قەدەم تاشلىغان ياۋروپا گۈللەندۈرۈش - تەرەققىيات بانكىسى، پۇل - مۇئامىلە ياردىمىنى تۈركىيە لىراسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ياۋروپا گۈللەندۈرۈش - تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيە دىرېكتورى جېئىن پاترىك ماركۇئېت، «تۈرك شىركەتلىرىنى تۈركىيە لىراسى تۈرىدىكى كىرېدىت بىلەن تەمىنلەپ، تاشقى پېرېۋوت خەۋپىدىن قۇتقۇزۇشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى. بۇ يىل تۆت لايىھەنى تۈركىيە لىراسى بويىچە مالىيە بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ماركۇئېت، بۇنىڭ ئۈچىنىڭ زايوم ، بىرىنىڭ ئىستانبۇل پاي چېكى سېلىنمىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا گۈللەندۈرۈش - تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تۈركىيەگە تولۇق ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ماركۇئېت، «مالىيە مەنبەسى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى خالايدىغان خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە بىر پۇل – مۇئامىلە پىلانىنى ئورۇنداشنى نىشان قىلىۋاتىمىز» دېدى.

2015 – يىلى 1 مىليارد 900 مىليون ياۋرو بىلەن ئەڭ كۆپ مەبلەغنى تۈركىيەگە سالغان ياۋروپا گۈللەندۈرۈش - تەرەققىيات بانكىسى، 2014 – يىلى تۈركىيەگە جەمئىي 1 مىليارد 400 مىليون ياۋرو مەبلەغ سالغانىدى. بانكىنىڭ بۇ يىللىق تۈركىيە سېلىنمىسىنىڭ 2 مىليارد ياۋروغا يېتىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر