رۇسىيە تۈنجى قېتىم خىتاينى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى

ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەردە خىتاينىڭ چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقى، رۇسىيەنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرسەتكۈچكە ئىگە دۆلەتلەردىن بىرسىگە ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

632076
رۇسىيە تۈنجى قېتىم خىتاينى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەرەققي تاپقان دۆلەتلەر بازىرى تېزىملىكىدە تۈنجى قېتىم خىتاينى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى.

ئامېرىكا بانكىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بازىرى دوكلاتىدا رۇسىيە يېڭىدىن 2 - ئورۇنغا ئۆتتى.

ئامېرىكا بانكىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ئالدىنقى قاتاردىكى 10 تەرەققىي قىلغان بازار ئارىسىدا رۇسىيە جەنۇبىي كورىيەدىن قالسىلا 2 – ئورۇنغا ئۆتتى.

رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرققىياتىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىمۇ بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، بىراق قىزىل رەقەم ھېسابى، خامچوت، باج سىياسىتى ۋە قەرز مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش سەۋىيەسىدە رۇسىيەنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرسەتكۈچكە ئىگە دۆلەتلەردىن بىرسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. رۇسيەنىڭ يەنە، پۇل پاخاللىقى نىسبىتىدىمۇ ئالاھىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەردە خىتاينىڭ چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقى، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ كۆرسەتكۈچلىرىدىمۇ تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن مەزكۇر دوكلاتتا ئالدىنقى قاتاردىكى 10 دۆلەت تۆۋەندىكىچە رەتكە تېزىلدى.

1 – جەنۇبىي كورىيە

2 – رۇسىيە

3 – خىتاي

4 -  ھىندىستان

5 – ھىندونېزىيە

6 – پولشا

7 – مېكسىكا

8 – بېرازىلىيە

9 – تۈركىيە

10 - جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر