تاتارىستان ئىقتىسادى تۈركىيەنىڭ مەبلىغى بىلەن ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن تاتارىستان پىرېزىدېنتى رۈستەم مىننىخانوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

631385
تاتارىستان ئىقتىسادى تۈركىيەنىڭ مەبلىغى بىلەن ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۈللىيەدە تاتارىستان پىرېزىدېنتىنى كۈتۈۋالدى. ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشى جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى ۋە تەخمىنەن 40 مىنۇت داۋاملاشتى. ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى كۆرۈشۈشتە بىرگە بولدى.

تاتارىستان پىرېزىدېنتى مىننىخانوۋ تۈركىيە-تاتارىستان سودا-سانائەت مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ تۈركىيەلىك سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تاتارىستاندا تەخمىنەن 2 مىليارد دوللارلىق مەبلىغى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تاتارىستان ئىقتىسادى تۈركىيەلىك سودا-سانائەتچىلەرنىڭ سالغان مەبلىغى سايىسىدە بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ تاتارىستاندا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ پەقەت تاتارىستان ۋە رۇسىيە تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىدە، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئورتاق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، كۆپ قېتىملىق كىرىش-چىقىش ۋىزا ئۇسۇلىنىڭ ياخشى تاللاش يولى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى ۋە تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپكە ھەپتىنىڭ ھەممە كۈنلىرى ھاۋا سەپىرى باشلاش تەلىپىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى سېلىنما تەرەققىيات ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى تالىيا مىنۇللىنا، تاتارىستانغا سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغى ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىنۇللىنا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەبلەغ مەسىلىسىدە تۈركىيەلىك سودا-سانائەتچىلەر ناھايىتى تېز قارار بېرىدۇ ۋە بۇ قارارلار تېزلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قارار بېرىش باسقۇچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆتۈش باسقۇچى ئارىسىدىكى ۋاقىت ناھايىتى قىسقا. تۈركىيە بۇ مەسىلىدە، ئىشنىڭ ئەھلىدۇر» دېدى.

مىنۇللىنا مەبلەغ سېلىشتا، سەھىيە ساھەسىگە ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقىنى، نېفىت-خىمىيە، ئېنېرگىيە ۋە ماشىنسازلىق قاتارلىق ساھەرگىمۇ مەبلەغ سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر