رۇسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى خىيانەت بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى
رۇسىيە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېكسېي ئۇليۇكايېۋنىڭ خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
![رۇسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى خىيانەت بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e2da/2c3d/7603/582abd5d4910f.jpg?time=1718993017)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېكسېي ئۇليۇكايېۋ خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
رۇسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ ، ئالېكسېي ئۇليۇكايېۋ دۆلەت نېفىت شىركىتى روسنېفىتنىڭ باشنېفت شىركىتىنىڭ پايچىكلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن مىنىستىرلىققا ۋاكالىتەن ئىجابىي باھا بېرىش بەدىلىگە روسنېفتتىن 2 مىليون دوللار كىرىم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا روسنېفت مەسئۇللىرىنىڭ پارا بېرىش مەسىلىسىدە تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.
تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۇليۇكايېۋ پارا ئېلىۋاتقاندا قولغا چۈشۈپ قېلىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئۇليۇكايېۋنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى.
ھۆكۈمەتمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، باش مىنىستىر دىمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ ئۇليۇكايېۋنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىق مەسىلىسىنى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «باش مىنىستىر بۇ مەسىلىنىڭ ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ چىقىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.»
كىرىمېل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ باسنېفت شىركىتىنى سېتىۋېتىش مەسىلىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىش ياكى چىقماسلىق توغرىسىدا توختىلىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1718993017)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.