خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۈرك ئېكسپورتچىلارنى ئاۋارە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ بېيجىڭدا سەھەر پەيتىدە تۈرك ئېكسپورتچىلار چۈشكەن مېھمانخانىغا كېلىپ پاسپورتلىرىنى تەكشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

609694
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۈرك ئېكسپورتچىلارنى ئاۋارە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆررىيەت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاشلىق يەرمەنكىسىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان  تۈرك دانلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلغۇچىلار بىرلىكىنىڭ 52 شىركەت ۋەكىلى خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ سەھەر پەيتىدىكى يوچۇن سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن.

بۇ ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن مەزكۇر بىرلىكنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەت قادىرئوغلۇ، چېگرادىن كىرىدىغان چاغدىكى پاسپورت تەكشۈرۈشىدە «نېمىشقا كەلدىڭلار، قانچىلىك تۇرىسىلەر ؟» دېگەندەك سوئاللار بىلەن خېلى ئۇزۇن سوراق قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، ئارىدىن بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ مېھمانخانىغا كېلىپ مەزكۇر سوئاللارنى قايتا سورىغانلىقىنى، بىر قەدەر ئىچكىرىلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن بۇ ئىشنىڭ خېلىدىن بۇيان مۇنتىزىم ھالدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،  رۇس ئايروپىلانى چۈشۈرۈۋېتىلگەن 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرى باشلانغان تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى سوۋۇش، ۋىزا بېرىشنى قىيىنلاشتۇرۇش بىلەن باشلىغان بولۇپ، تۈركىيە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تۈزەتكەن، ھەتتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا جەريانىدا ئىمزالىغان كېلىشىملىرىگە قارىماي  تەل – تۆكۈس ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان.

خەۋەردە يەنە، ھىدايەت تۈركئوغلۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارغا خاپا بولمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئېكسپورتچىلارنىڭ تۈركىيەگە دائىر خاتا ئۇچۇرلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئېكسپورتچى دوستلىرىمىز بۇ خاتا تونۇشنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتۇق. خىتاي شېرىكلىرىمىزنى كوللېكتىپ ھالەتتە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق. تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش ھالىتىدىكى بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىمىز. خىتايلار كاپادوكيانى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارنى ئۇ يەردە مېھمان قىلىمىز. تاللا بازىرى سېتىۋالغۇچىلىرى، ئاشلىق ساھەسى ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان 20 كىشىلىك ئالاھىدە سېتىۋېلىش ھەيئىتى دېكابىر ئېيىدا تۈركىيەگە كېلىدۇ. ئارقىدىن مارت ئېيىدا باشقا بىر ھەيئەتنى كۈتۈۋالىمىز. بۇ جەرياندا باشتىن كەچۈرگەنلىرىمىزنى دوكلات ھالىتىدە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىغا بىلدۈرىمىز» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن،  18 كىشىلىك بىر تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن تۈركىيەگە ساياھەتچى ئەۋەتىش بويىچە كېلىشىم تۈزگەنلىكى، كېلىشىمنىڭ 2017 – يىلى بويىچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ  تۈركىيەگە كەم دېگەندىمۇ بىر مىليون  ساياھەتچى ئەۋەتىشىنى مەزمۇن قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر