ئەردوغان بېلارۇسىيەدە تۈركىيە ئىقتىسادى تۇغرۇلۇق مۇھىم سۆز قىلدى

ئەردوغان 15 – ئىيۇلدا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىنتايىن كىچىك تەۋرىنىش بىلەن چوڭ سىناقتىن ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

609300
ئەردوغان بېلارۇسىيەدە تۈركىيە ئىقتىسادى تۇغرۇلۇق مۇھىم سۆز قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مۇستەھكەم ئاساسلارغا تايانغان ئىقتىسادىنىڭ 15 – ئىيۇلدا يەنە بىر چوڭ سىناقتىن ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (11 – نويابىر) بېلارۇسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا مەنسەپدىشى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە بېلارۇسىيە سودا – سانائەت مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىدى.  

ئەردوغان بېلارۇسىيەدە ئالدىنقى ئاي ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان زىيارىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 - ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيانغا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئارمىيە ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بىر گۇرۇپپا تېررورچىلار تەرىپىدىن 15 – ئىيۇل كېچىسى باشلانغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ پىداكارلىقى ۋە جاسارىتى ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولغانلىقىنى ئېيتتى. قېيىن كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ يېنىدا بولغانلىقى ۋە نامايان قىلغان ھەمكارلىقى ئۈچۈن بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو ۋە بېلارۇسىيە خەلقىگە رەھمەت ئېيتىپ: «تۈركىيەنىڭ مۇستەھكەم ئاساسلارغا تايانغان ئىقتىسادى 15 – ئىيۇلدا يەنە بىر چوڭ سىناقتىن ئۆتتى. باشقا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى بۇ دەرىجىدىكى بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ئالدىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادى كىرىزىسقا دۇچار بولغان بولاتتى. بىراق تۈركىيە ئىقتىسادى ئىنتايىن كىچىك تەۋرىنىش بىلەن بۇ باسقۇچتىن ساق – سالامەت ئۆتۈپ كەتتى» دېدى.

تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ھالدا يولىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئەردوغان، بولۇپمۇ خەلقئارالىق مەبلەغچىلەرنىڭ تۈركىيەگە ئىشىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېېيتقانلىقلىرىنى ۋە بۇنى ئەمەلىي كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان جىددىي ھالەتنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ۋە سودا – سانائەت ساھەسىگە قىلچىلىك سەلىبىي تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە كەڭ دائىرىلىك سېلىنما ۋە لايىھەلەرنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بېلارۇسىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 14 يىلدا 10 ھەسسە يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، 2003 – يىلىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىىسدىكى تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 49 مىليون دوللار بولغانلىقىنى ۋە 2013 – يىلىدا بولسا، 545 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

 جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مەنسەپدىشى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو بىلەن ئورتاق نىشانلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى  سودا ئومۇمىي سوممىسىنى دەسلەپكى باشقۇچتا 1 مىليارد دوللارغا چىقىرىش ئىكەنلىكى ئېيتتى. بېلارۇسىيە شىركەتلىرىنىڭمۇ تۈركىيەگە مەبلەغ سالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنىڭ ھەر كۈنى ئۆزئارا ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بېلارۇسىيە خەلقىنىڭ تۈركىيەنى مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرى قاتارىدا تاللىغانلىقىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئالدىنقى يىل 204 مىڭ بېلارۇسىيە ساياھەتچىسىنىڭ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «تۈركىيەدىن بېلارۇسىيەگە، بېلارۇسىيەدىن  تۈركىيەگە بېرىپ كېلىشلەر تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى لازىم» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن مەملىكەتكە قايتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر