سەئۇدى ئەرەبىستان 266 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى نۇرغۇن توختامنى توڭلىتىپ قويدى

نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى بىلەن تەڭ كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستان، 266 مىليارد 600 مىليون دوللار قىممىتىدىكى نۇرغۇن پىلان – لاھىيەلەرگە مۇناسىۋەتلىك توختامنامىلەرنى توڭلىتىپ قويدى.

606259
سەئۇدى ئەرەبىستان 266 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى نۇرغۇن توختامنى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى - سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىقتىسادىي ئىشلار ۋە تەرەققىيات كېڭىشى باشلىقى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان <ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات ساھەسىدىكى بەزى مەسىلىلەر> گە دائىر يىغىندا، 266 مىليارد 600 مىليون دوللار قىممىتىدىكى نۇرغۇن پىلان – لايىھەگە ئالاقىدار توختامنامىلەرنىڭ توڭلىتىپ قويۇلۇشى قارار قىلىندى. لېكىن، توختىتىپ قويۇلغان پىلان، لايىھە ياكى قۇرۇلۇشلارغا دائىر تەپسىلاتلار ئېلان قىلىنمىدى.

رىياد دائىرىلىرىنىڭ 26 – سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئەڭ ئاخىرقى <ئىقتىسادنى تەسەررۇپ قىلىش> پىلانىدا، بانكىلار، دۆلەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ۋە شۇرا (كېڭەش) مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ مائاش ۋە باشقا تەمىناتلىرى تۆۋەنلىتىلگەنىدى.

ھۆكۈمەت، 2015 – يىلى 29 – دېكابىردا بولسا، يېقىلغۇ، سۇ ۋە توك قاتارلىق كۆپلىگەن ئىستېمال ماددىلىرىنىڭ باھاسىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆستۈرگەنىدى.

2030 – يىللىق پىلانى دائىرىسىدە نېفىتقا تايىنىدىغان ئىقتىسادىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشنى ۋە كىرىم تۈرلىرىنى كۆپەيتىشنى نىشان قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئۆتكەن يىلى 98 مىليارد دوللار بولغان خامچوت يېتەرسىزلىكىنىڭ 2016 – يىلى 87 مىليارد دوللارغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر