ئەزەربەيجاننىڭ GSM شىركىتىنىڭ ئۇل- ئەسلىھە قۇرۇلمىسىنى تۈرك شىركەتلىرى لايىھەلەپ بەردى

ئەزەربەيجاننىڭ ناخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ GSM مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئۇل- ئەسلىھە قۇرۇلمىسىنى تۈرك شىركەتلىرى لايىھەلەپ بەردى.

597670
ئەزەربەيجاننىڭ GSM شىركىتىنىڭ ئۇل- ئەسلىھە قۇرۇلمىسىنى تۈرك شىركەتلىرى لايىھەلەپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىركەتنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا ناخچىۋان پارلامېت باشلىقى ۋاسىف تالىبوۋمۇ ئىشتىراك قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ لايىھە ئارقىلىق رايوننىڭ % 98 تىگە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى سۇنۇلىدىغان بولۇپ، بۇ لايىھەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىنىشى بىلەن بىرلىكتە، رايون ھەم يۇمشاق دېتال ھەم قاتتىق دېتال جەھەتتىن يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە بولغان بولدى.

10 مىليون دوللارغا يېقىن مەبلەغ سېلىنغان لايىھە ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە ناخچىۋانغا، كېيىنچە ئەزەربەيجاننىڭ باشقا رايونلىرى ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە GSM مۇلازىمىتى سۇنۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر