مىسىر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن 2 مىليارد دوللار قەرز ئالدى

مىسىر رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ، مىسىر مەركىزىي بانكىسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن 2 مىليارد دوللار كىرېدىت ئالغانلىقىنى، ئۇ كىرېدىت ئارقىلىق نەق پۇل زاپىسىغا كۈچ قوشىدىغانلىقى خەۋەر قىلدى.

588952
مىسىر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن 2 مىليارد دوللار قەرز ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى مەزگىللەردە مىسىر – سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرىدە يىرىكچىلىك كۆرۈلگەنىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى مەزكۇر كىرېدىت توغرىسىدا بايانات بەرمىدى.

مىسىر مالىيە مىنىستىرى ئەمرۇلجارىھى 9 – سېنتەبىردە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن كىرېدىت ئېلىش ئۈچۈن، تەدبىر مەقسەتلىك مالىيەنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە 2-3 مىليارد دوللار كىرېدىت ئېلىش بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، ئاۋغۇست ئېيىدا مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ 3 يىل قەرەللىك 12 مىليارد دوللارلىق كىرېدىت تەلىپىنى ماقۇللىغانىدى. پايتەخت قاھىرەدە زىيارەتتە بولغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ھەيئىتى، مىسىرغا 12 مىليارد دوللار كىرېدىت پىلانى ئۈستىدە كېلىشىم  ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن مىسىر، پىلاننىڭ بىرىنچى يىلى ئۈچۈن 5-6  مىليارد قىممىتىدە ئىككى تەرەپ قوشۇمچە مالىيە تېپىش مەقسىتىدە خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان دېگەندەك بەزى دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتاتتى.

ئاۋغۇست ئېيىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن مىسىر مەركىزىي بانكىسى ئارىسىدا 6 يىل قەرەللىك 1 مىليارد دوللارلىق كىرېدىت كېلىشىمى ئىمزاالانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر