ئىران ئىراقنى ئاگاھلاندۇردى

ئىران نېفىت مىنىستىرى ياردەمچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراق ئىرانغا بولغان قەرزىنى تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ كېچىكىپ كەتكەن.

588052
ئىران ئىراقنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ نېفىت مىنىستىرى ياردەمچىسى ۋە دۆلەتلىك گاز شىركىتى باش مۇدىرى ھامىد رىزا ئىراقى، ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالانغان ئورتاق گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك پۇلنى ياتقۇزمىغانلىقىنى، شۇڭا ئىراققا گاز ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى مەھرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش مۇدىر ئىراقىي، «ئورتاق گاز تۇرۇبىسى لىنىيەسى كېلىشىمىگە كېرەكلىك پۇللار تۆلەنمىگەن تەقدىردە ئىران ئۇ دۆلەتكە گاز ئېكسپورت قىلمايدۇ» دېدى.

باغداد ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنىڭ گاز ئېكسپورتىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىراقىي، «ئىراق، بىر قانچە ئايدىن بۇيان تۆلەشنى كېچىكتۈرمەكتە. قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغۇچى شىركەت خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى بىر ساھە بولغانلىقى ئۈچۈن، پۇل ياتقۇزۇش شەكلى بېكىتىلمەي تۇرۇپ گاز ئېكسپورت قىلالمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران دۆلەتلىك گاز شىركىتى بىلەن ئىراق ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى ئارىسىدا 2013 – يىلى باغدادقا گاز ئېكسپورت قىلىشنى مەزمۇن قىلغان بىر كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىران قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن باغدادقا يىللىق 10 مىليارد كۇب مېتىر گاز ئېكسپورت قىلاتتى. ئەمما، كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن مۇساپىدە، باغداد دائىلىرىنىڭ تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك مەبلەغنى ياتقۇزماسلىقى قۇرۇلۇشنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر