Fitch، تۈركىيە ئىقتىسادىغا ياخشى باھا بەردى

خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى _ Fitch Ratings، سېنتەبىر ئېيى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

582428
Fitch، تۈركىيە ئىقتىسادىغا ياخشى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Fitch نىڭ تۈركىيەگە ئالاقىدار مۆلچەرلىرىدە، ئالدىمىزدىكى بىر قانچە يىل بويىچە تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاشىدىغانلىقى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەخمىنلەر ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى.

دوكلاتتا، تۈركىيەدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمنىڭ بۇ يىل %3، ئالدىمىزدىكى يىلى %3.2، 2018 – يىلى بولسا، %3.5 ئاشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەخمىنلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

دوكلاتتا يەنە، تۈركىيەدە پۇل پاخاللىقىنىڭ بۇ يىل %7.9، ئالدىمىزدىكى يىلى %7.7، 2018 – يىلى بولسا، %7.5 بولىدىغانلىقى، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭمۇ ئالدىمىزدىكى ئۈچ يىل بويىچە ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر