«تۈرك ئېقىمى لايىھەسى» ئۈچۈن بېرىلگەن رۇخسەتلەر يېڭلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ

«تۈرك ئېقىمى لايىھەسى»نىڭ رۇسىيەدىن تۈركىيەگىچە دېڭىز ئاستى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى سۈپىتىدە پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

566037
«تۈرك ئېقىمى لايىھەسى» ئۈچۈن بېرىلگەن رۇخسەتلەر يېڭلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە شىركىتى گاسپىروم  «تۈرك ئېقىمى لايىھەسى» ئۈچۈن بېرىلگەن رۇخسەتلەرنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گاسپىروم تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «تۈرك ئېقىمى لايىھەسى»نىڭ رۇسىيەدىن تۈركىيەگىچە دېڭىز ئاستى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى سۈپىتىدە پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا گاسپىروم شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئالېكسەي مىللەرنىڭ قاراشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى ھەمدە: «"تۈرك ئېقىمى لايىھەسى" ئۈچۈن ئىلگىرى تەستىقلانغان بارلىق رۇخسەتلەرنىڭ يېڭىلىنىشى مۇزاكىرە قىلىنماقتا. تۈركىيە تەرەپ "تۈرك ئېقىمى" ئارقىلىق تۈركىيە – گىرېتسىيە چېگراسىدا ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتى سۇنماقتا» دېيىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر