ئەردوغان مال – مۈلۈك قانۇنىنى تەستىقلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مال – مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇش شىركىتى قۇرۇلۇشىغا دائىر قانۇننى تەستىقلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان مال - مۈلۈك قانۇنىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىگە يوللىغان.
بۇ قانۇنغا ئاساسەن، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىگە قاراشلىق پۇل - مۇئامىلە بازارلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش، مەملىكەت ئىچىدىكى دۆلەتلىك مال – مۈلۈكلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، سىرتقى مەنبە شەكىللەندۈرۈش، ئىستىراتېگىيەلىك ۋە كەڭ كۆلەملىك سېلىنمىلارغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە مال - مۈلۈك فوندى ۋە بۇ فوندىغا قاراشلىق فوندىلارنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە مال - مۈلۈك فوندى شىركىتى قۇرۇلىدىكەن.
شىركەتنىڭ 50 مىليون بولغان قۇرۇلۇش چىقىمىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش فوندى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.
شىركەتنىڭ كەم دېگەندە 5 كىشىدىن تەشكىل تاپىدىغان ئىجرائىيە ھەيئىتى، مەسئۇلى، ئەزالىرى ۋە باش دىرېكتورى باش مىنىستىر تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىكەن.
تۈركىيە مال - مۈلۈك فوندىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ئالىي ئورگىنى قارمىقىدىكى شىركەتلەر ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ زاپاس مال – مۈلۈكلىرىدىن تەشكىل تاپىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.