فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 34 دۆلەتنىڭ بانكىلىرىدىكى ھېساباتلىرى توڭلىتىپ قويۇلىدۇ

تۈركىيە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۇل - مۇئامىلە پائالىيەتلىرىگە يەر شارى خاراكتېرلىك سەۋىيەدە زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

553112
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 34 دۆلەتنىڭ بانكىلىرىدىكى ھېساباتلىرى توڭلىتىپ قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەسلەپكى قەدەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق پۇل - مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئورگىنىغا ئەزا 34 دۆلەتكە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قانداق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ مال – مۈلۈكلىرى ۋە پۇل - مۇئامىلە پائالىيەتلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلۇشى تەلەپ قىلىندى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە ۋە خىتايدىن سىرت يەنە، ياۋروپا كومىتېتى ۋە پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ ئەزا بولغان ھارام پۇل يۇيۇش ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش تەشكىلاتىغا، تەشكىلاتنىڭ  <ھارام پۇل يۇيۇش ۋە تېررورلۇق پۇل - مۇئامىلە پائالىيەتلىرى نىزامنامىسى> غا ئاساسەن،  رەسمىي ئىلتىماس سۇنۇلدى. تۈركىيە ھارام پۇل يۇيۇش ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرى ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەخمىنەن 150 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى پۇل - مۇئامىلە مەنبەسىنى تامامەن قۇرۇتۇشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر