ئەردوغان بىلەن پۇتىن تۈركىيە – رۇسىيە سودا سانائەتچىلەر يىغىنىغا قاتناشتى

ۋىلادىمىر پۇتىن گاز بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە رۇسىيەنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

548833
ئەردوغان بىلەن پۇتىن تۈركىيە – رۇسىيە سودا سانائەتچىلەر يىغىنىغا قاتناشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ سەلەبىي تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان 24 – نويابىردا رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرىۋېتىلىشىگە قارىتا «ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە» دەپ باھا بېرىپ، «مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن قارا بۇلۇت بولدى» دېدى.

ئەردوغان رۇسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.  ئاندىن ئىككى رەھبەر بىرلىكتە تۈركىيە – رۇسىيە سودا سانائەتچىلەر يىغىنىغا قاتناشتى. 

يېغىندا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەرگەن باياناتىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىمكانىيەتلەرنى رايونغا پايدىلىق شەكىلدە ئىشلىتىش قارارىغا كېلىشكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، تۈرك ئېقىمى ۋە ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئوخشاش مەۋجۇت لايىھەلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە كارخانىچىلىرىنى تۈركىيەگە يېڭى سېلىنمىلارنى سېلىشقا چاقىردى.

ئەردوغان ئورتاق سېلىنما فوندى قۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ مۇداپىئە سانائىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن بولسا، تۈركىيە بىلەن بولغان سودا - ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىدە، ئايروپىلان كىرىزىسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە قايتىپ، ئاندىن بۇنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گاز بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە رۇسىيەنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان پۇتىن، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.  

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشقا دائىر خىزمەتلەرنىمۇ باشلايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر