ئەرەب ئەللىرى ساياھەت تەشكىلاتى: بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېنىدىمىز

ئەرەب ئەللىرى ساياھەت تەشكىلاتى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

545061
ئەرەب ئەللىرى ساياھەت تەشكىلاتى: بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېنىدىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرەب ئەللىرى ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى بەندەر بىن فەھد ئەلفۇھائىدنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا قوبۇل قىلغان، ئۇچرىشىشتا، ئىلگىرى بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ۋە ئەرەب ئەللىرى ساياھەت تەشكىلاتى باشچىلىقىدا تۈركىيەدە قۇرۇلۇشى پىلانلانغان «ئەرەب ساياھەت رايونى» لايىھەسى توغرۇلۇق تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. چاۋۇشئوغلۇ ئەلفۇھائىدقا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئەلفۇھائىدمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ  15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، ئەرەب ئەللىرى ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر