ئامېرىكا خىتاي ئۈستىدىن 13 قېتىم ئەرز قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى  خىتاينىڭ تەڭسىز باج بەلگىمىلىرى يولغا قويغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشىكلاتىغا ئەرز قىلدى.

529261
ئامېرىكا خىتاي ئۈستىدىن  13 قېتىم ئەرز قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى  خىتايغا ئېكسپورت قىلغان بەزى خام ماددىلارغا قارىتا يولغا قويغان باج بەلگىمىلىرىنىڭ تەڭسىز رىقابەتكە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشىكلاتىغا ئەرز قىلدى.

شۇنداق قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوباما ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا 13 قېتىم ئەرز قىلغان بولدى.

ئامېرىكا سودا ئىشلىرى ۋەكىلى مايكېل فىرومان، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن كېلىدىغان خام ماددىلارغا قارىتا يولغا قويغان باج بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئامېرىكىلىق كارخانچىلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئۈچۈن، خىتاي ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان مىس، كوبالىت، ئانتىمون، گىرافىت، قورغۇشۇن، قەلەي، ماگنىيغا ئوخشاش بەزى خام ماددىلارغا %5تىن %20كىچە تاموژنا بېجى يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىق قائىدىلىرىگە خىلاپ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا باراك ئوباما ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا جەمئىي 13 قېتىم ئەرز قىلىپ بولدى. بۇ ئەرزلەرگە خىتاينىڭ ئاپتوموبىل چاقلىرىدىن پولات-تۆمۈر ئېكسپورتىغىچە بولۇپ ھەر خىل مەھسۇلاتلارغا قارىتا يولغا قويغان ئېكسپورت ۋە ئېمپورت باج بەلگىلىمىلىرى سەۋەب بولغانىدى.

ئوباما ھاكىمىيىتى ئامېرىكىلىق كارخانچىلارنىڭ بېسىمىغا قارىتا، خىتاي بېكار قىلىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقان سودا چەكلىمىلىرىنى يۇمشىتىش مەقسىتىدە بەزى باج تۈرلىرىنى يېقىنقى مەزگىللەردە يولغا قويغانىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھاكىمىيىتى باج چەكلىمىلىرىنى بېكار قىلىشتىن ئىلگىرى سودا شىرىكلىرى تەرىپىدىن بازار ئىقتىسادىي سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشىنى خالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر