تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئافرىقىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئافرىقىدىكى 12 دۆلەتكە يەتكۈزگەن ھېيتلىق كىيىم – كېچەكلەر ۋە تۈركىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى.

528544
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئافرىقىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى تۈركىيە پەخىرلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم ماركىلاردىن بىرى بولۇپ، شىركەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم خىزمەت ئۆلچەملىرىدىن سىرت يەنە، مۇنداق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىمۇ بار: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى «دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ  نۇقتىغا ئۇچۇۋاتقان ھاۋا يوللىرى» ئۇنۋانىغا ئىگە. بىزنىڭ تېمىمىز بولسا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ  دۆلەتكە بىۋاسىتە ئۇچۇشى ئەمەس، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ  دۆلەتكە بىۋاسىتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم توشۇشىدۇر.

تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا سۇنۇۋاتقان ياردەم قولى ھەققىدە ئۈزلۈكسىز مەلۇمات بېرىۋاتقانلىقىمىز ھەممىگە ئايان. تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، يەر شارى خاراكتېرلىك دوختۇرلار، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى تۈركىيەنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدە دۇنيا لىدېرىغا ئايلاندۇردى. بىراق تۈركىيە دۇنيانىڭ ياردىمىگە يۈگرەۋاتقانلار داڭلىق ماركىلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى بىلەنلا ئەمەس، ئەكسىچە بىر گەۋدە ھالىتىدە دۇنيانىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشقا ئۆزىنى ئاتىغان مۇھىم بىر دۆلەتتۇر.

ئالايلۇق، ھەرقانداق بىر ھاۋا يوللىرى شىركىتى خېرىدارلىرىغا ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىش، ئۆز ۋاقتىدا قوزغىلىشى ۋە قونۇشى، ئايروپىلانلىرىنىڭ ياخشى ئاسرالغان بولۇشى بىلەن ئۆلچىلىدۇ. ئەمما تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىش ئۆلچەملىرىدىن باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمىتىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالماقتا. يەنى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى دۇنياغا پەقەت يولۇچىلارنىلا ئەمەس، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىمۇ توشۇماقتا.

بۇ يىل ھېيتتا 12 ئافرىقا دۆلىتىدىكى كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، جەمئىي ئون مىڭلارچە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھېيتلىقى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر توقۇمىچىلىق شىركىتى ۋە تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىدىن بولىدۇ. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 28 ئافرىقا دۆلىتىدە 42 نۇقتىغا ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈۋاتقان بىردىن - بىر ھاۋا يوللىرى شىركىتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافرىقىدىكى بارلىق ئېھتىياجى بار دۆلەتلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان يېگانە شىركەت  ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئافرىقىدىكى بالىلارغا ياردەم بېرىشنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىدىغان تۈركىيەدىكى مۇھىم بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. تۈركىيەنىڭ ئافرىقا بىلەن تۇنجى ئالاقىسى ئەنە شۇ ئىككى شىركەتنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشتى. ئارقىدىن تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى بولغان قىزىل ئاي جەمئىيىتى ھەرىكەتكە ئۆتتى. نىيەت ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئون مىڭلارچە بالىغا ھېيتلىق تەييارلاندى، رامىزاندا 12 دۆلەتتە ئىپتار چېدىرلىرى قۇرۇلدى. تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئىلگىرىمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى، شۇڭا يېڭى لايىھەنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىزىل ئاي جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ئانچە قىيىن ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، جەمئىيەت سومالىدا 19 يېتىمخانىدىكى مىڭلارچە بالىغا ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماق بېرىۋاتاتتى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى كەلتۈرگەن ھېيتلىقلارنى تارقىتىش قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئۈچۈن ناھايىتى قولاي ئىش ئىدى. ھالبۇكى، بۇنداق بىر پائالىيەت ياۋروپادىكى باشقا بىر دۆلەت تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلسا، شۇ جەمئىيەتنىڭ قىلغان ياردىمىدىن چىقىمى ئېشىپ كېتەتتى.

بۇ ياخشى نىيەتنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق ھاۋا قاتنىشى سېنېگالغا، ئارقىدىن ماداغاسقارقا ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭغا تانزانىيە، كېنىيە، نىگېرىيە، بۇركىنا فاسو، ئۇگاندا، پىل چىشى قىرغىقى، ئېفىيوپىيە، كامېرۇن، نېگىر ۋە قۇددۇس ئىلاۋە قىلىندى. بارلىق دۆلەتلەر بىر - بىرلەپ زىيارەت قىلىندى. ئون مىڭلارچە بالا تۈركىيەدىكى ئۆسمۈرلەرگە ئوخشاش ھېيت – بايراملاردا چەكسىز شاد – خۇراملىققا چۆمدى. تۈركىيەدىكى بىر بالا ھېيت كۈنى يېڭى ۋە پاكىزە كىيىملىرى بىلەن تاڭ سەھەرنى قانداق كۈتۈۋالسا، بۇ 12 دۆلەتتىكى بالىلارمۇ تاڭ سەھەرنى تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ھېيتلىق كىيىملىرى بىلەن شۇنداق كۈتۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە دېيىلگەن ھامان 2016 – يىللىق ھېيتلىق كېلىدىغان بىر تۇيغۇ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى. بۇ بالىلار چوڭ بولغاندا، بۇ خاتىرىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ.

جەمئىيەت بۇ پائالىيەتلىرىدە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋە تۈرك خەير – ساخاۋەتچىلەر ئىئانە قىلغان كىيىم – كېچەكلەرنىلا تاقىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە 12 دۆلەتنىڭ ھەر بىرسىدە كەم دېگەندە مىڭ ئائىلىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقاتتى. ھېيتلىقلار بالىلارغا، ھېيت كۈنى يېيىدىلىدىغان نەرسە – كېرەكلەر ئانىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. كۆڭۈللەردە تۈركىيە سۆيگۈسىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزغان كۆچەتنىڭ تۈۋىگە يەنە بىر قاچا سۇ تۆكۈلدى، شۇنىڭ بىلەن، كۆڭۈللەردىكى تۈركىيە سۆيگۈسىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى زورىيىپ، پۈتكۈل ئافرىقا قىتئەسىگىچە كېڭەيدى.

خەلقئارالىق بىر يىغىندا، «تۈركىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە نېمە ئىش باردۇ؟» دېگەن سوئال ئوتتۇرىغا چۈشتى. بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي ئىدى. تۈركىيە ئافرىقىدا بالىلارغا كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان بىر يۈز، ئانىلارغا غەم – قايغۇسىز بىر ھايات بەخش ئەتمەكتە. ئافرىقىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۈلۈشى % 2.5 بولۇپ، يىللىق كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە 1200 دوللار توغرا كېلىدۇ.  ھالبۇكى، ئافرىقا كاكائوسىدىن شاكىلات، ئالمىسىدىن قىممەتلىك زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلەپ، مىليونلارچە دوللار قازىنىۋاتقان ياۋروپالىقلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى بۇنىڭدىن ئون نەچچە ھەسسە يۇقىرى. بەزىلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىدىن بىئارام بولۇشنىڭ سىرى دەل مۇشۇ يەردە، ئەلۋەتتە. يەنى ئويغانسا ناھايىتى چوڭ بىر قىتئەگە ئايلىنىدۇ....

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر