رۇسىيە ھاۋا يولى شىركەتلىرى تۈركىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيەگە قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىدىن كېيىن رۇسلار ساياھەت شىركەتلىرىگە سەلدەك ئاقتى...
![رۇسىيە ھاۋا يولى شىركەتلىرى تۈركىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/90f3/5648/5567/577cae14eeb3b.jpg?time=1718908037)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيەگە قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىدىن كېيىن رۇسلار ساياھەت شىركەتلىرىگە سەلدەك ئاقتى، رۇسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى كۈچلۈك تەلەپنى قاندۇرالمىدى.
ساياھەت شىركەتلىرى تەلەپنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئايروپىلان سەپەرلىرى سانىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئالاقىدار مەسئۇللارغا چاقىرىق قىلدى. ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەت شىركەتلىرى نورمال ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى ۋە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنىمۇ رۇسىيە ھاۋا يولى شىركەتلىرىنى ئايروپىلان بىلەن تەمىنلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
رۇسىيە قاتناش مىنىستىرى ياردەمچىسى ۋالېرى ئوكۇلوۋمۇ، «نۆۋەتتە يولۇچىنى توشۇشتىكى ئەڭ ئالدىراش كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. تۈركىيەگە يولۇچى يوللاش ئۈچۈن ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى. بەزى رۇس ھاۋا يولى شىركەتلىرىنىڭمۇ گىرېتسىيە ۋە قىبرىس سەپەرلىرىنى يولۇچىلارنىڭ ئازلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇ ئايروپىلانلىرى بىلەن تۈركىيەگە يولۇچى توشۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پۇقرالار ئاۋىئاتسىيەسى باش ئىدارىسى، رۇسىيەدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان قوشۇمچە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئەتە باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا، «رۇسىيەدىن تۈركىيەگە 7 – ئىيۇلدا باشلىنىدىغان 17 قېتىملىق قوشۇمچە ئايروپىلان سەپىرى ئىلتىماسى باش ئىدارىمىز تەرىپىدىن ماقۇللاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى. رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئايروپىلان كىرىزىسى تۈپەيلى بۇ خىل ئايروپىلان سەپەرلىرى 2015 - يىلى 1- دېكابىردا توختىتىۋېتىلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1718908037)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.