رۇسىيە: تۈرك ئېقىمى لايىھەسى مۇزاكىرىلىرىنى قايتىدىن باشلاشقا تەييارمىز

رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتى – گازپروم، تۈركىيە بىلەن تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيىسى لاھىيەسىگە دائىر مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.

520107
رۇسىيە: تۈرك ئېقىمى لايىھەسى مۇزاكىرىلىرىنى قايتىدىن باشلاشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتى - گازپروم باياناتچىسى سېرگېي كۇپرىيانوۋ، تۈرك ئېقىمى لاھىيەسى مۇزاكىرىلىرىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا يوللىغان مەكتۇپىدىن كېيىن، تۈرك ئېقىمى لايىھەسىگە دائىر ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر