تۈركىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ رامىزان پائالىيەتلىرى

تۈركىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىش پائالىيەتلىرى.

515333
تۈركىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ رامىزان پائالىيەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورتاقلىشىش ۋە ھەمكارلىق ئېيى بولغان رامىزاندا پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسى چەكسىز شاد – خۇراملىقققا چۆمۈپ كېتىدۇ. ھەممە ناماز شامغا ئەزان ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن ئىپتار تەييارلىقلىرىنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن يۈگرەيدۇ. بالىلار ئىسسىق نان ئەكىلىش ئۈچۈن ناۋايخانىنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرىدۇ، ھەتتا سېتىۋالغان رامىزان پىدەلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆيگە بارماستىنلا تۈگىتىپ بولىدۇ. بۇنداق خۇشال ـ خۇراملىق مۇھىتى پەقەت ئۆيلەردىلا ئەمەس، يېزا – قىشلاقلاردىمۇ، شەھەرلەردىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. ھەممە يەرنى شاد – خۇراملىق ۋە بەختىيارلىق مۇھىتى قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ.

بۇنداق مۇھىت پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا كۆزگە چېلىقسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدىكىگە يەتمەيدۇ. تۈركىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىپتار داستىخانلىرىدا كەم بىر نەرسە قالمىسۇن دەپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ؛ داستىخاندىكى ھەر بىر كىشى ئۈچۈن بىر تال خورما، بىر قاچا چوربا قويۇش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىدۇ.

تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى، دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار پىلانلىرىنى ئالدى بىلەن تۈركىيەدىكى ئىپتار داستىخانلىرىدا بىر نەرسە كەم بولۇپ قالمىسۇن دەپ تۈزگەنىدى. تۈركىيە باغرىغا بېسىۋاتقان تەخمىنەن 3 مىليون سۈرىيەلىك ئۈچۈن ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر تاماملاندى. ئارقىدىن ئافرىقىدىن ئاسىياغىچە، ياۋروپادىن ئامېرىكىغىچە قەيەردە بىرەر ئېھتىياجلىق كىشى بولسا شۇ يەرگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن يېڭى پىلانلارنى تۈزدى. تۈركىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ خەير – ساىاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى 150 مىليون تۈركىيە لىراسىغا يېتىدۇ.

تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئۇزۇندىن بۇيان ياردەم قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن رامىزانغا خاس خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدى. غەززە، سومالى، باڭلادېش، ئافغانىستان، پاكىستان، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىشلىنىۋاتقان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىدى. ئارقىدىنلا جەمئىيەت 27 دۆلەتتە رامىزان ياردەملىرى پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى. جەمئىيەتنىڭ پىلانى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا جەمئىي 100 مىڭ يېمەك - ئىچمەك يېشىكلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تارقىتىش بولۇپ، ھەر بىر يېشىكتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى 5 كىشىلىك بىر ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالايدۇ. يەنى 500 مىڭ كىشى بۇ ياردەم ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ خەير – ساخاۋىتىدىن  بەھرىمەن بولماقتا. سومالىدا كۈنىگە 8 مىڭ كىشىلىك يېمەك - ئىچمەك تارقىتىلماقتا. خالىغانلار ئۈچۈن سوھۇرلۇقمۇ بېرىلمەكتە. غەززەدە ۋە ئىراقتا ئىپتار چېدىرلىرى قۇۇرلماقتا، جەمئىيەتنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنى قوللاشمۇ ئىنتايىن قولاي بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتى ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ مېھرى - شەپقەت كارۋىنىغا قېتىلىش مۇمكىن.

خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندىمۇ بۇ يىل رامىزان پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرماقتا. جۈملىدىن جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردىن ئاسىيا دۆلىتى تايلاندقىچە، جەنۇبىي ئافرىقا جمھۇرىيىتىدىن بىرمىغىچە 69 دۆلەتتە ئىپتار ۋە سوھۇر چېدىرلىرىنى قۇرماقتا، چېدىرلارغا كېلەلمىگەنلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى تارقىتىپ بەرمەكتە. فوندىنىڭ بۇ يىلقى رامىزان ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى 70 مىليون لىراغا يېتىدۇ. بۇ مەبلەغنىڭ بىر قىسمى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇرۇشلار ياكى ئاپەتلەر سەۋەبىدىن ئاتا – ئانىسىدىن يېتىم قالغان بالىلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلماقتا.

 تۈركىيەنىڭ رامىزاندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتىمۇ ھەسسە قوشماقتا. بۇ جەمئىيەتنىڭ نىشانلىرىمۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، ئالبانىيە، باڭلادېش، ئەزەربەيجان، بېنىن، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، كېنىيە، ماكېدونىيە، ماۋرىتانىيە، سرىلانكا، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا. 32 دۆلەتتە ئىپتار چېدىرلىرىنى قۇرۇپ، 32 مىڭ كىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ دوستلۇق پۇرىقى پۇراپ تۇرغان داستىخىنىدا ئىپتار قىلىشىغا ۋەسىلە بولماقتا. جەمئىيەت بۇنىڭدىن باشقا يەنە، روزا ھېيتتا 5 مىڭ كىشىلىك يېمەك - ئىچمەك پوسۇلكىسى، 4 مىڭ 500 يېتىم ئۈچۈن ھېيتلىق تارقىتىشنى پىلانلىماقتا.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، ئونلارچە چوڭ – كىچىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم جەمئىيەتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرماقتا. رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن مەڭگۈ ئۈزۈلمەس دوستلۇق رىشتىسى ئورناتماقتا. دۇنيادىكى ئېھتىياجلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ناھايىتى ئايانكى، ئۇلار روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلسىلا بولدى. كەچتە قانداق ئىپتار قىلارمىز؟ سوھۇردا نېمە يەرمىز؟ دەپ غەم قىلىشىنىڭ ھاجىيى يوق. تۈركىيە تەرەپكە يۈزلەنسىلا بولدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ، «ئېھتىياجىمىز بار» دېگەن ھامان تۈرك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرھال دەردلىرىگە دەرمان بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.

تۈركىيە ئەنە شۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى سايىسىدا سالغان كۆڭۈل كۆۋرۈكلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى قەددىنى تىك تۇتۇپ ئايلىنىۋاتقان نادىر دۆلەتلەردىن بىرى. دەرۋەقە بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ سايىسىدا پۈتكۈل دۇنيانى ئۆز دۆلىتىدەك كۆرىدۇ. ھەرقانداق بىر تۈرككە ئايانكى، دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىغا بارسا، ئۆزىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغان نۇرغۇنلىغان دوست – بۇرادەرلىرى بار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر