شىۋېتسىيەدە ئۇچقۇچىلار ئىش تاشلىدى

شىۋېتسىيەدە سىكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىلەن ئۇچقۇچىلارنى تەشكىللىگەن ئۇيۇشمىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىن كېيىن باشلانغان ئىش تاشلاش ھاۋا قاتنىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

509253
شىۋېتسىيەدە ئۇچقۇچىلار ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدىكى ئارلاندا ئايرودۇرۇمىدا ئۇچۇشلارنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن كېيىن قالايمىقانچىلىق يۈز بەرمەكتە.

ئۇچقۇچىلار ئىش تاشلىغان كۈندىن تارتىپ ھازىرغىچە 200 قېتىملىق ئۇچۇش بىكار قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن، مىڭلارچە يولۇچى قاپسىلىپ قالدى. ئۇچقۇچىلارنىڭ بۈگۈنمۇ ئىش تاشلىشى ۋە 220 ئۇچۇشنىڭ بىكار قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

سىكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى مائاش جەھەتتىن ناھايىتى چوڭ زنيان تارتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتمەكتە ۋە مائاشىنىڭ % 100 ئۆستۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر