فىرانسىيە خەلقىنىڭ غەزەپ – نەپرىتى تاشتى

فىرانسىيە خەلقىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالىدىغان قانۇن تەكلىپىگە بولغان غەزەپ – نەپرىتى تولۇپ تاشتى.

499476
فىرانسىيە خەلقىنىڭ غەزەپ – نەپرىتى تاشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن 3 ئايدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار دائىرىسىدە تۈنۈگۈن 8 – قېتىم كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا ساقچى تەرەپنىڭ قارىشىچە 153 مىڭ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قارىشىچە 300 مىڭ كىشى ئىشتىراك قىلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پارىژ، بوردو ۋە نانتېس شەھەرلىرىدە ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلغان.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشلار جەريانىدا 36 سى پارىژدا بولۇپ، جەمئىي 77 كىشى قولغا ئېلىنغان، 15 ساقچى يارىلانغان.

بۇ ئارىلىقتا، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەرقايسى ئۇيۇشمىلارنىڭ قانۇن تەكلىپىگە قارشى ئىش تاشلاش دولقۇنىمۇ داۋاملاشماقتا.

ئىش تاشلاش دولقۇنى سەۋەبىدىن نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى، پورتلار ۋە قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، دۆلەتتە كۈندىلىك ھاياتمۇ قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلدى.

ھەرقايسى ئۇيۇشمىلار نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا توسۇقلارنى ئورنىتىۋالغان بولغاچقا، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنى بېنزىن بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىمۇ ئاقسىماقتا. ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ئالدىدا ئاپتوموبىللار سەپ بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ئەھۋال پۇقرالارنى قاتتىق بىزار قىلماقتا. پارىژ – بوردو تۆمۈر يولى قاتنىشىنىڭ بىكار قىلىنىشى يولۇچىلارنىڭ غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغىماقتا.

نېفىت قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئۇدا 5 كۈندىن بۇيان ماي قاچىلاش پونكىتلىرى دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك زاپاس نېفىتلىرى ئارقىلىق تەمىنلەنمەكتە. بىراق بۇ نېفىتنىڭمۇ ئارانلا 113 كۈن يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئەھۋال ئەنە شۇنداق جىددىي بولغانلىقى ئۈچۈن، فىرانسىيە پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىگە ئايروپىلانلارغا فىرانسىيەنىڭ سىرتىدا ماي قاچىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر