خەلقئارالىق تارىخىي يادىكارلىقلار بازىرىدىكى ئۇيغۇر قىزى

خەلقئارالىق تارىخىي يادىكارلىقلار بازىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر پارچە تارىخىي رەسىم كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى.

470310
خەلقئارالىق تارىخىي يادىكارلىقلار بازىرىدىكى ئۇيغۇر قىزى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 8 – ئاپرېل فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى خەلقئارا ئاسارئەتىقە سودا بازىرىدا قەدىمىي ئۇيغۇرلارغا دائىر بىر پارچە سۈرەت سېتىلغان. پارىژ 9-رايوندىكى ئاسارئەتىقىلەر سودا بازىرىدىكى بايجان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، يىپەك شايى رەختكە چۈشۈرۈلگەن، دۇتتار چېلىپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ سۈرىتى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىسىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، سېتىلغان. ئۇزۇندىن بۇيان پارىژدىكى ئاسارئەتىقە سودا مەركىزىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلەردىن ئەخەت ئەلى ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، پارىژ 9-رايوندىكى تارىخىي ئاسارئەتىقىلەر سودا بازىرى خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ سودا مەركەزلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە كۈنىگە دېگۈدەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن توپلانغان ئاسارئەتىلىقەر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن. سودا بازىرىدا يەنە تىبەتلىك سودىگەرلەر ئۆزلىرىگە ئائىت ئاسارئەتىقىلەرنى كۆپلەپ سېتىۋالىدىكەن.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە توكيودىكى قەدىمكى ئاسارئەتىقە سودا مەركەزلىرىگىمۇ تارىخىي ئۇيغۇر گىلەملىرى كۆپلەپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر گىلەملىرى تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، رەڭدارلىقى ۋە ئۆزگىچە توقۇلۇشىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ياپونىيەدە كەڭ تونۇلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان «تەزكېرەئىي ئەۋلىيا» ناملىق كىتابنىڭ كوپىيە نۇسخىسى بايقالغان بولۇپ، نۆۋەتتە بىر قىسىم ئاسارئەتىقە سودىگەرلىرى بۇ كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئىزدەشكە باشلىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدا نەشر قىلىنغان تارىخىي كىتابلاردا ئەسكەرتىلىشىچە، پارىژدىكى شەرق تىللىرى مەكتىپىنىڭ تۈركىي تىللار كافېدراسىنى باشقۇرغان فرانسۇز شەرقشۇناس ئېتېن كاترېمېر 1841-يىللى پارىژدا «شەرقىي تۈرك ئەدەبىياتى خرېستوماتىيەسى» نىڭ بىرىنچى قىسمىنى نەشر قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ناۋايىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ۋە «تارىخىي مۈلكى ئەجەم» ناملىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر