ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ھەيئىتى تۈركىيەگە كەلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ھەيئىتى تۈركىيەگە كەلدى.
![ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ھەيئىتى تۈركىيەگە كەلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/731a/70a9/7b2a/56ff73d7a2354.jpg?time=1718580477)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ۋاشىنگىتوندا ئاق سارايدا 55 مىنۇت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئامېرىكىدىن بىر ھەيئەت ئەنقەرەگە كەلدى. ھەيئەتنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ھەربىي، ئاخبارات ۋە دىپلوماتىك ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كۈنتەرتىپى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى مەزمۇن قىلىدۇ. ھەيئەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى، سۈرىيەدە دائېش بىلەن ي پ گ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنىڭ مەركىزىدىكى مەنبىج رايونى مەسىلىسى بولىدۇ.
تۈركىيە ي پ گ نىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى ئەڭ سەزگۈر نۇقتا بولغان ئەزىز – جەرابلۇس لىنىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇقتىلارنى ئىگەللىۋېلىشىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ئامېرىكىغا بىلدۈرگەنىدى. ئۆتكەن ھەپتە مەنبىج رايونىنىڭ كونتىروللۇقىنىڭ ي پ گ گە ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئامېرىكىنىڭ ياردىمى ياتىدىغانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر تارقالغان ۋە ئەنقەرەنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1718580477)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.