ياپون ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى تۈركىيە ئىقتىسادىغا يۇقىرى باھا بەردى

ياپونىيە Nomura International بانكىسىنىڭ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى تىموتى ئاش، تۈركىيە ئىقتىسادىغا يۇقىرى باھا بەردى.

455705
ياپون ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى تۈركىيە ئىقتىسادىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە Nomura International بانكىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە ئافرىقىغا مەسئۇل ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى تىموتى ئاش، تۈركىيەنىڭ رايونىدىكى سەلبىي ئەھۋاللارغا قارىماي 2015 – يىلى %4 لىك ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاش ئىستانبۇلدا بىر تۈركۈم مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە ئىقتىسادى ۋە دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئەتراپىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرى ئېغىر بازارلارغا قارىماي، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن تىموتى ئاش، «ئۆتكەن يىلىدىكى %4 لىك ئېشىشى بىلەن ياۋروپانىڭمۇ ئەڭ كۈچلۈكى بولدى. نە ياۋروپا نە بالتىق نە بالقان ئەللىرىدە بۇنچىلىك كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېىشىش نىسبىتى كۆرۈلمىدى.» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ياخشى نۇقتىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئاش، ھەر يىلى 800 مىڭ بىلەن 1 مىليون ئارىسىدا يېڭى خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر