خىتاي ۋە رۇسىيە ئىچكى قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالامدۇ؟

خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلىسا ئىچكى قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

454216
خىتاي ۋە رۇسىيە ئىچكى قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «جاھاندىكى ئىشلار» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىلقى مارت ئېيىدىكى سانىغا ئامېرىكىلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى روبېرت د. كاپلاننىڭ «ياۋرو-ئاسىيانىڭ ھۆكۈمەتسىزلىشىشى»، «خىتاينىڭ خەتىرى ۋە رۇسىيەنىڭ ئاجىزلىشىشى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئاپتور ماقالىسىدە، 2014 - يىلىدىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا نېفىت باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىشى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ، خىتايدىكى مىللىي دارامەت تۆۋەنلەپ، پايچېكى بازىرىنىڭ كرىزىسقا قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «خەلقئارادىكى سىياسىي داۋالغۇش ۋە بۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەدىكى سىياسىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن روناق تېپىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھەرقايسى ئەللەردە يۈز بېرىۋاتقان مىللەتلەر ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇش، دىنىي مەزھەپ ئۇرۇشى سەۋەبىدىن، ئىلگىرىدىن تارتىپ ئېكسپورت سودىسىغا تايىنىپ گۈللىنىپ كېلىۋاتقان ئىككى دۆلەت ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلمەكتە. 1990 - يىلىدىن ئېتىبارەن ھەربىي كۈچىنى زورايتىشقا باشلىغان خىتاينىڭ ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايونلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكەتتە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەتتا ياپونىيەگىمۇ تەھدىت سالماقتا. ئىقتىسادى تۆۋەنلىسە، خىتاي بىلەن رۇسىيە تەبىئىي ھالدا بىر - بىرىدىن يىراقلىشىدۇ. خىتايدا خىتاي مىللىتىدىن پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچراپ، مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقانلار موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇرلاردۇر. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭغا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىزچىل تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كۈرەشچىلىرى بار. ئەگەر خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئاجىزلاپ كەتسە ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى جانلىنىپ، خىتاينىڭ ‹يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى› بەرپا قىلىش پىلانىنىڭ ئۇلىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر كۈرەشچىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى بىرلىشىپ ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن.»

ياپونىيەدىكى خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن كېنشى تارو خىتايدا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرسە، قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلىسا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچىيىدۇ. بىراق، خىتاي مىللەتچىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى يەنىلا قوراللىق قاتتىق باستۇرۇشى مۇمكىن. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىگە قارشى مەملىكەت ئىچىدىكى توپىلاڭ ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.»

ياپونىيەدە چىقىدىغان «خىتايغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، مانجۇ يازغۇچى مېيكا مۇشا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «ئىقتىسادىي تۆۋەنلىگەچكە بۇ يىل خىتاي ھەربىي خىراجەتنى ئانچە ئۆستۈرەلمىدى. ئىلگىرى ئۇدا ئالتە يىل داۋاملىق ئۆستۈرگەنىدى. خىتاي ھاكىمىيەتنى پۇل بىلەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر ئىقتىسادى تۆۋەنلىسە ئەسكەرلەر بىلەن ساقچىلارغا بېرىلىدىغان مائاشمۇ ئازىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ كومپارتىيەگە بولغان ساداقەتمەنلىكى يوقىلىدۇ، نەتىجىدە جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ، كومپارتىيەگە قارشى كۈچلەر كۆپىيىدۇ.»

خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ياماشىتا يۈمېمۇ بۇ ھەقتە ئوخشاش پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەربىيلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە كۆپلەپ دۈشمەن توپلىدى. خىتايدا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرسە، ئالدى بىلەن ھەربىي قىسىملار سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ. ئىچكى توقۇنۇش يۈز بېرىپ، خىتاينىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىدۇ. ئەلۋەتتە خىتاينىڭ ئاجىزلىشىشى ئۇيغۇرلار بىلەن تبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىغا كۆپ پايدىلىق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر