ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرى كۈننى چۈشۈش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى

ئاسىيادا خىتاي ۋە ياپونىيەدە تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن پاي چېكى بازارلىرى ئېچىلمىدى، ئەمما باشقا پاي چېكى بازارلىرى قاتتىق چۈشۈپ كەتتى.

431063
ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرى كۈننى چۈشۈش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 8– فېۋرالدىن باشلاپ تەتىل سەۋەبىدىن ئېتىكلىك تۇرغان جەنۇبىي كورېيە ۋە خوڭكوڭ پاي چېكى بازارلىرى قاتتىق چۈشۈش بىلەن ئېچىلدى. جەنۇبىي كورېيە بازىرى بۈگۈن (11 – فېۋرال) %2.3 لىك چۈشۈش بىلەن باشلىنىپ، %2.93 لىك چۈشۈش بىلەن ئاخىرلاشتى.

خوڭكوڭ خاڭ سېڭ ئىندېكسى %4.2 لىك تۆۋەنلەش بىلەن، 2012 – يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.

ھىندىستان سېنسېكس ئىندېكسى ئۇدا تۆت كۈن قاتتىق چۈشتى ۋە %1.1 لىك تۆۋەنلەش بىلەن 2014 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى كۆردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر