ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ

شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش نىشان قىلىنغان قانۇن تەكلىپى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.

430744
ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پيۇڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قوراللىرى ۋە يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا پائالىيەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي مەنبەلىرىگە زەربە بېرىش نىشان قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنىڭ قانۇنلىشىشى ئۈچۈن پىرېزىدېنت باراك ئوباما تەرىپىدىن ئىمزالىنىشى شەرت ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. ياپونىيەنىڭ ئېمبارگولىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە شىمالىي كورېيە پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە پورتلىرىغا كىرىشىنى تدامامەن مەنئىي قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ چېگرا شەھىرى كاسوڭغا جايلاشقان ۋە ئىككى دۆلەت ئورتاق ئىشلىتىۋاتقان سانائەت رايونىنى تاقىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر