ئامېرىكا دائېشقا قارشى كۈرەش مەبلىغىنى % 50 كۆپەيتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەش كارتېر ئامېرىكىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەبلەغنى 2017 – يىلى % 50 كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

426752
ئامېرىكا دائېشقا قارشى كۈرەش مەبلىغىنى % 50 كۆپەيتىدۇ
abd ön seçim

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كارتېر ۋاشىنگىتون ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، دائېشقا قارشى كۈرەش مەبلىغىنى 7.5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىمۇ ئامېرىكىنىڭ 2017 – يىلى 45 مىڭ GPS بەلگىلىك ئەقىللىق بومبا ۋە لازېر نۇرلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىشنىڭ پىلانلانغانلىقىنى، بۇلارنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئىشىلىتىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 1.8 مىليارد دوللار ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا دائېشقا قارشى كۈرەش باشلانغان 2014 – يىلى 8 – ئاۋغۇستتىن تارتىپ ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن تەخمىنەن 5.8 مىليارد دوللار سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇ كۈنىگە 11.4 مىليون دوللارغا توغرا كېلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر