شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللاندى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ھىدروگېن بومبىسى سىناق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەزمۇن قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.
425609
![شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللاندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/10-11/Files/UploadedImages/1747349571abdsenatosu.jpg?time=1719352619)
![10-11/Files/UploadedImages/1747349571abdsenatosu.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/10-11/Files/UploadedImages/1747349571abdsenatosu.jpg?time=1719352619)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇن لايىھەسى پيۇڭياڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، تور ھۇجۇملىرى، يادرو پىروگراممىلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقان بانكا ۋە شەخسلەرگە قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشنى نىشان قىلىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لايىھەنىڭ قانۇنلىشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى، ئارقىدىن پىرېزىدېنت باراك ئوباما تەرىپىدىن ئىمزالىنىشى شەرت ئىكەن.
شىمالىي كورېيە مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ھىدروگېن بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1719352619)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.