بايدىن: ئوتتۇرا قاتلام ئىقتىساد ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئومۇرتقىسىدۇر
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئوتتۇرا قاتلامنىڭ ئىقتىساد ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئومۇرتقىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە سودا – سانائەت دۇنياسىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرغان داۋوس يىغىنىدا سۆز قىلغان جو بايدىن، ئەمگەكچىلەر سىنىپىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىلىدى ۋە ئۈنۈم، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئوتتۇرا قاتلاملارنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن بايدىن، ئەكسىچە بولغاندا، ئىجتىمائىي تۇراقسىزلىق ۋە تېررورىزمنىڭ جەمئىيەتلەرگە خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن باج ئېلىنمايدىغان دۆلەتلەردىكى دېڭىز قىرغىقى سېلىنمىلىرىنىمۇ تەنقىد قىلدى.
ئەمگەك بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە خىتاب قىلغان بايدىن، «مىلياردلارچە دوللارنى باج جەننەتلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇشۇڭلار، ھەسسىدارلىرىڭلار ئۈچۈن ياخشى بولۇشى مۇمكىن؛ لېكىن، بۇ دۆلىتىڭلاردىن ئوغرىلاپ كېتىش دېگەنلىك بولىدۇ» دېدى ۋە بۇ پايدىڭلارنى يېڭى سېلىنمىلارغا ئايدۇرۇشقا چاقىردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.