تۈركىيە - ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى ئىلگىرىلىمەكتە

ئىقتىساد مىنىستىرى زەيبەكچى جېبوتى ۋە ئىفوفىيەنى 100 گە يېقىن كارخانىچى بىلەن بىرىلىكتە زىيارەت قىلىپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش كېلىشىمى تۈزدى.

147576
تۈركىيە - ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى  ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تېز سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.
تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلىرىنىڭ سانى 39 غا يەتتى.
تۈركىيە ئاقرىقا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئىنتايىن ياخشىلىغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئىقتىساد مىنىستىرى زەيبەكچىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھەلىرىگە تېخىمۇ ياخشى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىدىغان كېلىشىملەر ئىمزالاندى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەدوغاننىڭ 2015 – يىلىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان ئېفوفىيە زىيارىتىدىن بۇرۇن ئىقتىساد مىنىستىرى زەيبەكچى جېبوتى ۋە ئىفوفىيەنى 100 گە يېقىن كارخانىچى بىلەن بىرىلىكتە زىيارەت قىلىپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش كېلىشىمى تۈزدى.
بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن جىبوتى تۈركىيەگە 5 مىڭ كۇۋادىرات كېلومتىر زېمىننى 99 يىللىق مۆھلەت بىلەن ئاجرىتىپ بەردى. ئاساسىي قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن نۇقتۇلۇق قۇرۇلۇشلىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بۇ چوڭ بازىدا، تۈركىيەنىڭ خۇسۇسىي كارخانا ساھەلىرى ئىشلەپچىقىرىش، قۇراشتۇرۇش ۋە ئامبارلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
بۇ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوندا ئشىلەپچىرىلغان تۈركىيە مەھسۇلاتلىرى شەرقىي ئافرىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم دۆلىتى ھېسابلىنىدىغان ئىفوفىيە ئارقىلىق باشقا بارلىق بازارلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.
بۇنىڭ سايىسىدا رايوندىكى ھەرىكەتچانلىق تېخىمۇ جانلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ خۇسۇسىي كارخانا ساھەسى رايونغا تۇلۇق ماسلىشىشقا باشلايدۇ. تۈركىيە ھۆددىگەرلىك ساھەسىمۇ تۈرتكىلىك كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدىنقى پىلانغا ئۆتىدۇ. ئافرىقنىڭ يېڭى شەھەرلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر