رۇسىيەنىڭ قارارىغا ياۋروپا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە

رۇسىيەنىڭ ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ %10 نى قامدايدىغان جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا قارىتا غۇلغۇلىلار داۋاملاشماقتا.

138573
رۇسىيەنىڭ قارارىغا ياۋروپا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلمەكتە.
رۇسىيەنىڭ ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ %10 نى قامدايدىغان جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا قارىتا غۇلغۇلىلار داۋاملاشماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى چېن كىلۇد جانكېر، رۇسىيەگ نارازلىق بىلدۈرۈپ، «بىز ئېنېرگىيەنىڭ بولغارىيەگە ئاندىن پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېقىشىنى خالايمىز» دېدى.
جانكېر، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدە تۈنۈگۈن بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ لايىھەنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى تۈپەيلى ياۋروپادا ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچراش ئالدىدا تۇرغان دۆلەت بولغارىيە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇلغارىيەگە ھەر تۈرلۈك ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جانكېر جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ داۋاملىشىشىغا بولغان ئىختىيارلىقنىڭ رۇسىيەدە ئىكەنلىكىنى ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلىدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىرلادىمىر پۇتىن دۈشەنبە كۈنى تۈركيەد زىيرەتتە بولغان ۋە جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى داۋالامشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
قاردېڭىز ئارقىلىق بولغارىيەگە تۇتىشىدىغان جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئارقىلىق ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ بىر قىسمىنىڭ قامدىلىشى پىلانماقتا ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر