ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سودا ئىشلىرى مىنىستىرى پېنى پىرىتىسكې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سودا ئىشلىرى مىنىستىرى پېنى پىرىتىسكې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنى زىيارەت قىلغان ھەيئەت، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىندى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا - ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان تىرانس تىنچ ئوكيان سېلىنما ۋە سودا ھەمراھلىقى مەسىلىسى توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
زەيبەكچى، بۇ ھەقتە ئىشقا ئاشۇرۇلغۇسى ھەمراھلىققا قارىتا تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1718896804)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.