خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) نىڭ غەززە دوكلاتى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
«ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە يۈرگۈزىۋاتقان ئېمبارگوسى يېنىكلىتىلىشى لازىم»
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا، ئىسرالىيەنىڭ يېقىنقى ھۇجۇملىرىنىڭ پەلەستىن ئىقتىسادىغا چوڭ زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىقتىسادنىڭ كېلەچىكىنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋاملىشىشىغا باغلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
ئۇرۇش توختىتىش داۋاملاشقان تەقدىردە رايون ئىقتىسادىدا تېز، ئەمما تۆۋەن دەرىجىدە بىر ياخشىلىنىشنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە بولىدىغانلىقى، ئۆيلىرى ۋە دوككانلىرىنى يوقۇتۇپ قويغان پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنىدىغان ماددىي ياردەمنىڭ 1 يېرىم مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى بىلدۈردى.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ئەگەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بوزۇلغان تەقدىردە ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۈرۈشتا بولدى. رايون ئىقتىسادىدا داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ياخشىلىنىشنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە ھەمكارلىشىشىدىن باشقا يەنە ئىسرائىلىيە ئېمبارگوسىنىڭمۇ يېنىكلىشى بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.