رۇسىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۇكرائىناغا

رۇسىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتى، موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدا ئۇدا 12 كۈن داۋاملاشقان مەكتۇپلىشىشتىن كېيىن ئۇكرائىنا تېرروتېرىيەسىگە كىردى

100690
رۇسىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۇكرائىناغا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۇكرائىناغا كىردى.
رۇسىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتى، موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدا ئۇدا 12 كۈن داۋاملاشقان مەكتۇپلىشىشتىن كېيىن ئۇكرائىنا تېرروتېرىيەسىگە كىردى.
تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتوموبىل ئەترىتى لۇگانىسك شەھىرىگە يېتىپ باردى.
كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىنى كەينىگە سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن رۇسىيە، ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ كىرىشىگە ئۆز ئالدىغىلا قارار قىلدى. قارار، ئۇكرائىنانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇنى «بۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا بىۋاستە ھۇجۇم قىلغانلىقى» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئەترەتنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما چېگرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
كىيېۋ، ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى موسكۋانى ئەيىبلىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنى رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتىگە خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ھەمراھ بولمىغان. كومىتېت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لۇگانسىك داۋاملىق بومباردىمان قىلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئەترەتكە ھەمراھ بولمىغانلىقلىرى ئەسكەرتىلدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەترەتكە بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلار ھەمراھ بولغان.
ۋەقەگە ياۋروپا ئىتتىپاقى نارازىلىق بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئالى ۋەكىلى كېترىن ئېشتىن، رۇسىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ كىرىشىنىڭ ئۇكرائىنا تېرروتېرىيەسىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر